ساركوزىينىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزىينىڭ كېلەر ئاي پولشا زىيارىتىدا تىبەت روھانى داھىسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ساركوزىي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا " بىز چەتئەل رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە ئۇچرىشىشىغا قارشى تۇرىمىز " دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە " بىز فرانسىيىنىڭ ئومۇمى ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇشىنى .... جۇڭگونىڭ ئەندىشىلىرىگە دىققەت قىلىشنى، بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭگو - فرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلىمىز" دېگەن.

لېكىن فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد كوچىنېر شۇ كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەگەر ساركوزىي دالاي لاما بىلەن كۆرۈشسە، خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يېتىدۇ، دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىنى رەت قىلدى. ئۆزىنىڭ دالاي لاما بىلەن 20 قېتىم ئۇچراشقانلىقىنى تەكىتلىگەن كوچىنېر، " بۇ مەسىلە ئەمەس" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.