ئەھمەت داۋۇدئوغلۇ شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇدئوغلۇ دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىش خىتاي خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ شىنجاڭ زالىدا ئېلىپ بېرىلغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.01
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتىكى سۆزىدە كېلەر يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاقلىقنى كۈچلەندۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن. شى جىنپىڭ يەنە، "شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى" نى، خىتاينىڭ دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇدئوغلۇ بولسا ئۇچرىشىشتا ئۆزىنىڭ قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى زىيارىتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق كۆۋرۈكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، "تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىنىڭ تۈركىيە زېمىنىدىكى ھەرقانداق پائالىيىتىگە يول قويمايدىغانلىقى، ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى" دەپ بايان قىلغان.

ئەمما، تۈركىيىدىكى "گېزىت 5" قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، داۋۇدئوغلۇ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك خەلقنىڭ تۇغقىنى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بىر كۆۋرۈك دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مەدەنىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇدئوغلۇ ئەتە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن تۈركىيىگە قايتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.