دىلشات رىشىت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئۇيغۇر رايونىدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىسى» نى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلغان «تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىسى» نى ئەيىبلىدى.

دىلشات رىشىت سۆزىدە، دائىرىلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىپ، ئۆزى بەلگىلىگەن مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئۈزلۈكسىز دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىش» قا چاقىردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 30-ئىيۇل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش چارىسىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاراردا خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىلگەن. يەنى رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، رايوندىكى باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، جىددىي ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە رايوندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئارمىيىسى بىلەن قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ئالاھىدە تەدبىر ئالسا بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.