خوتەن شەھىرىدە روپاش ئاياللار سودا - سارايلارغا كىرىشتىن چەكلەنمەكتە

خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خوتەندە دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئاياللارنى كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.06.21


ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپلىرى روشەن كۆرسىتىلگەن بىر ئۇقتۇرۇش يېقىندا خوتەن شەھىرىدىكى سودا سارايلىرىدا كۆزگە چېلىققان.

بۇلارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى خوتەن ۋىلايەتلىك «ئالتۇن يۇلتۇز» سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تارقاتقان بۇ خىلدىكى بىر ئۇقتۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: دىنىي پۇراقنى سۇسلاشتۇرۇش، دىنىي مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇپ ۋە بازار تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ۋىلايەتلىك پارتكوم مەمۇرىي مەھكىمە ۋە شەھەرلىك پارتكوم خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن روپاش ئاياللارنىڭ سودا - ساراي، تىجارەت ئورۇنلىرىغا كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ. سودا - سارايلاردا دىنىي پۇراق ئالغان كىيىم - كېچەكلەرنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەرخىل قانۇنسىز ئۈن - سىن ماتېرىياللىرىنى سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇش چەتئەلدىكى تور بەتلەردە قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلار بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى، كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان تاجاۋۇز، دەپ تەنقىدلەشتى.

تېخى يېقىندىلا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئاياللار كومىتېتىمۇ ئاياللار بېشىغا ياغلىق سالماسلىققا ئۈندىلىدىغان مەزمۇندىكى «گۈزەل جامالىمىزنى نامايان قىلىپ، سۇمبۇل چاچلىرىمىزنى لەپىلدىتەيلى» دەپ يېزىلغان بىر لوزۇنكىنى قەشقەردىكى كوچا - كويلارغا ئاسقان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قىلىنغان ھاقارەت، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.