زىيارىتىنى ئالدى بىلەن تۈركمەنىستاندىن باشلىغان بلەيك سەيشەنبە كۈنى پايتەخت ئاشخاباتتا تۈركمەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقان. تەرەپلەر ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سودا ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، كىشىلىك ھوقۇق ۋە رايون خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان.
بلەيك چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستانغا يېتىپ كەلگەن. ئىككى تەرەپ بۇ يەردە ئامېرىكا ۋە قىرغىزىستاننىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى، دېموكراتىيە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق، ئېنېرگىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە سودا ئالاقىسىنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
بلەيك رايونغا قاراتقان زىيارىتىنى باشلاشتىن ئاۋۋال مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، قىرغىزىستانغا قىلغان زىيارىتىدە ئاساسلىق ماناس ھەربىي ترانست مەركىزىنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما قىرغىز ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ روبېرت بىلەيك بىلەن ئۇچراشقاندا 2014-يىلىدىن كېيىن ماناس ئايرودرومىنىڭ ئاممىۋى ئايرودرومغا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىرغىزىستاندا قىلغان سۆزىدە، ماناس ھەربىي بازىسىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئامېرىكىنىڭ رايوندا تېخىمۇ چوڭ رول ئېلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېگەن. كۆزەتكۈچىلەر ماناس ھەربىي ترانست مەركىزى مەسىلىسىنىڭ يەنىلا ئامېرىكا-قىرغىزىستان ئارىسىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.