دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى رەئىسى جون بېينىر، ئاۋام پالاتا دېموكراتىك ئاز سانلىقلار رەھبىرى نەنسى پەلۇسى ۋە بىر پالاتا ئەزالىرىنىڭ كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن.
جون بېينىر دۆلەت مەجلىسىدىكى كۆرۈشۈشتە دالاي لامانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دالاي لامانىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا ئۈچۈن بىر ئۆلگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
جون بېينىرنىڭ كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزالىرى دالاي لاما بىلەن «بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىزنىڭ نوقۇل تىبەت ۋە خىتاي بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، بۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى» ھەققىدە سۆزلەشكەن. جون بېينىر يەنە دالاي لامانى ماختاپ، ئۇنىڭ «ئۇلار قوبۇل قىلغان ئورتاق قىممەت قارىشىنى ھارماي-تالماي قوغلىشىۋاتقانلىقى» نى مەدھىيىلىگەن.
لېكىن، بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تىبەت ئىشلار ئەمەلدارى، ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مارىئا ئوتېرونىڭ ئالدىنقى كۈنى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. دالاي لاما ۋاشىنگتوندا 10 كۈندەك زىيارەتتە بولىدۇ.
نۆۋەتتە پرېزىدېنت ئوباما ۋە ۋە دۆلەتى ئىشلارمىنىستىرى كلىنتون خانىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان -كۆرۈشمەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.