ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆپلەپ تارقىتىلىشى خىتاي پۇلىنىڭ پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى بۈگۈن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تارقىلىشىنى كېڭەيتكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا زايۇمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى، بۇ ئۇچۇرغا ئەگىشىپ خەلقئارادا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىدە چوڭ داۋالغۇش پەيدا بولدى.

خىتاينىڭ سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنى 'پۇل پاخاللىقىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىۋاتىدۇ' دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ سودا مىنىستىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تارقىتىلىشى كونترول قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ، خەلقئارادا مال باھاسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە خىتايدا پۇل پاخاللىقىنى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن خىتايدا ھەر قايسى شىركەتلەردە مۇقىمسىزلىق كېلىپ چىقىشقا باشلىغان.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيىدىكى دۇرخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادشۇناس پروفېسسورى جاڭ جىژچاۋنىڭ قارىشىچە، خىتايدا پەيدا بولۇۋاتقان پۇل پاخاللىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خىتايدىكى پۇل پاخاللىقى، كۆپىنچە ھالدا خىتايدا يولغا قويۇلغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىكتىن، مەسىلەن، ئۆي -زېمىن سودىسىدا پەيدا بولغان ئىقتىسادى مازغاپتىن كېلىپ چىققان.