ساركوزىي بۇ ھەقتىكى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ : " ئىسلاھاتتىن مەقسەت كاپىتالىزمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەركىن بازاردا توغرا رول ئوينىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر."
ساركوزىي سۆزىدە يەنە، بۇندىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىدا ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ يەككە يىگانە قارار بېرىش ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: " مەن بۈگۈنگە قەدەر بولغان سىياسىي ھاياتىمدا ھەر ۋاقىت ئامېرىكىنى قوللاپ كەلدىم، ئەمدى شۇنى ئوچۇق دەيمەنكى،21 - ئەسىردە ھېچ بىر دۆلەت، قانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ بىزنىڭ نېمە قىلىش ۋە نېمىنى ئويلىشىمىزنى بەلگىلەپ بېرەلمەيدۇ شۇنداقلا يەنە ھېچ بىر دۆلەت خەلقئارا مەسىلىلەردە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بارالمايدۇ."
مەركېل خانىم سۆزىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي كېڭەش بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەشتىن تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە تېخىمۇ ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇلار سۆز ئارىسىدا يەنە، بۇ قېتىمقى دۇنياۋىي پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىدا بانكا ساھىپلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ھاۋاغا ئۇچۇپ كەتكەن دوللارنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئامېرىكا بولسا ۋەيران بولغان بانكىچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىدىن قۇتقۇزۇش سوممىسى ئاجراتقان ئىدى.