شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئۆمەككە دۇنيا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلموھسېن ئەل تۈركى باش بولۇپ كەلگەن. ئۇلار بېيجىڭ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە گەنسۇلاردا زىيارەتتە بولغان.
ئۇيغۇر كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر زىيارەت شۈبھىلىك ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇلار ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرلەردە مەسچىتلەرنى كۆرگەن ۋە مەخمۇت قەشقىرىنىڭ مەقبەرىسىنى تاۋاپ قىلغان.
ھالبۇكى، ئەل تۈركى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكىمۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى قوغداشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا گۇۋاھچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ياۋروپادا ياشاۋاتقان بىر دىنىي زىيالىينىڭ قارىشىچە، ئەل - تۈركنىڭ ئېيتقانلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق دېيەرلىك. ئۇيغۇر ئېلىدە 17 ياشتىن تۆۋەنلەر، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ھەتتا 17 ياشتىن يۇقىرى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭمۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشى چەكلەنگەن. بۇنى قانداقمۇ ئۇيغۇر خەلقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا دېگىلى بولسۇن؟"
بۇ دىنىي زاتنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقىنى ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە ئېلىپ كېلىشى بىر سىياسىي ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت ئىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدىمۇ ئۇيغۇر ئېلى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ بۇ يىل تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.