دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 10 - دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنى نامايىش ئۆتكۈزمەكچى

10 - دېكابىر كۈنى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىنغان كۈن. ھەر يىلى بۇ كۈندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت ۋە ئورگانلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىنسانلار تۇغۇلۇشتىن تارتىپ ئىگە بولىدىغان بىر تەبىئىي ھوقۇق ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا ئومۇملىشىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەر سەمىگە سالىدۇ.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.12.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10 - دېكابىر كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە ميۇنخېندا نامايىش ئۇيۇشتۇرماقچى. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن پىكىر قىلىش، نامايىش قىلىش، يىغىلىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە مانا مۇشۇنداق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تەشكىلات، شەخسلەرنى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنى نامايىشقا ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم ئىرلاندىيىنىڭ دۇبلىن شەھىرىدە كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىنسانلارنىڭ رىئاللىقىغا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى. ئۇ «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى پەقەتلا بىر تۈزۈم، ماددا ئەمەس بەلكى ساغلام بىر جەمئىيەتنىڭ كاپالىتى» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.