د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا جەنۇبىي كورىيىدە ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىدى

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، سەيشەنبە كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر جەنۇبىي كورىيە چېگرىسىدا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.09.17

دولقۇن ئەيسا ئەسلىدە جەنۇبىي كورىيىدە ئېچىلىدىغان ئاسىيانى دېموكراتىيىلەشتۈرۈش تېمىسىدىكى بىر خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان بولۇپ، ئۇ چېگراغا كەلگەندە تۇتۇپ قېلىنغان.

ھازىرغا قەدەر دولقۇن ئەيسانىڭ قانداق سەۋەب بىلەن تۇتۇپ قېلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىنىڭ پەرىزىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قول تىقىشى بىلەن دولقۇن ئەيسانىڭ يىغىن سەپىرى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.

بۇ دولقۇن ئەيسانىڭ پائالىيىتى داۋامىدا 3 ‏- قېتىم چېگرىدا توسۇۋېلىنىشىدۇر. ئالدىنقى ئىككى قېتىملىقى ئامېرىكا ۋە تۇركىيە چېگرالىرىدا يۈز بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.