د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.07.26
2010.07.26
23 - ئىيۇل خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا سوتى غەيرەت نىياز ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنىڭغا " دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى ئارتقان ۋە 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن ئىدى.
باياناتتا، غەيرەت نىيازنىڭ " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ۋە مەزكۇر ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ھەققىدە غەرب مەتبۇئاتلىرىغا سۆزلىگەنلىكى، ئۇنىڭ پەقەت ئۆز پىكىر ئەركىنلىكىنى تىنچ يوسۇندا ئىپادىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، غەيرەت نىيازنىڭ پەقەت ئۆز پىكىرنى ئەركىن بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلىنىشى " خىتاينىڭ جىنايى ئىشلار قانۇندىكى ماددىلارنى مۈجمەل ۋە ئۆز مەيلىچە خاتا ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يوسۇندىكى ھەرىكەتلىرىنى جىنايى قىلمىشقا ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىسپاتى" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009 - يىلىدىكى " 5 - ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ژۇرنالىست، تور باشقۇرغۇچى ۋە تور يازغۇچىلىرىنى قولغا ئالغان. غەيرەت نىيازمۇ شۇ مەزگىلدە قولغا ئېلىنغان ۋە 1 يىلدەك سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىدى.