د ئۇ ق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەكىللەر تىزىملىكىنى تەنقىد قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11‏-نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ 1‏-قېتىملىق يىغىنى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىنغا 510 نەپەر ۋەكىل قاتناشقان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.01.25

لېكىن د ئۇ ق يىغىننىڭ ۋەكىللەر تىزىملىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى گەرچە خەلق سايلىمىغان بولسىمۇ، بىراق يىغىندا ۋىجدانى، ئىمانى ۋە ئەخلاقىنى ئىشقا سېلىپ بىر قېتىم بولسىمۇ راست گەپ قىلىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداشقا چاقىردى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى نۇرلان ئابدۇمەنجىن رىياسەتچىلىك قىلغان. سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كېرىمباي خىزمەت دوكلاتى بەرگەن.

بۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ۋەكىللەر تىزىملىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاز دېگەندە 45 % نوپۇسىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلار 530 نەچچە كىشىلىك سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ ئاران 28 % نى، خىتايلار 51 % نى تەشكىل قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى رادىئومىز ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىپ: بۇ ئەھۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ساھەسىدىن ئىلگىرىلەپ سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەكىللەر نىسبىتىدىكى بۇ خىل تەڭسىزلىك خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ ئاساسى سېلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى بۇنىڭدىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىردى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى سايلام چىقىلىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.