جەنۋەدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى د ئۇ ق كېلىدىغان رىقابەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
2013.02.06
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەر» ناملىق بۇ يىغىن بۇ يىل 11-مارتتىن 13-مارتقىچە جەنۋەدە ئېچىلىدىكەن.
يىغىننى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدىكەن.
مەلۇماتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «يۇقىرىقى رايونلاردا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەڭ ئومۇملاشقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا تەدبىر ئالماسلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ھەقلىق تەلەپلىرىگە قۇلاق سالماسلىقى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ ئىزچىل قارشىلىق نامايىشى ئۇيۇشتۇرۇشىغا سەۋەب بولماقتا. بۇ خىلدىكى كوچا نامايىشلىرى رايوندىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللار ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى ئۇلغايتماقتا.»
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
يىغىندا يەنە، خىتاي دېموكراتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگىمۇ قاراپ چىقىلىدىكەن.