خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان د ئۇ ق تورىغا قارىتىلغان ھۇجۇمى يەنە كۈچەيگەن
2013.02.15
يۇقىرىقى ئىككى شىركەتنىڭ 13-فېۋرال بىلدۈرۈشىچە، توربۇزارلار جاسۇسلۇق ۋىرۇسى يوشۇرۇنغان مىكروسوفت يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ھۆججەتلىرىنى قوللىنىپ، «ئالما» مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىدىغان د ئۇ ق كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
كاسپارېسكىي تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ يەر شارى تەتقىقات-ئانالىز گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى كوستىن رائىئو، ئەگەر جاسۇسلۇق ۋىرۇسى يوشۇرۇنغان مىكروسوفت ھۆججىتى ئېچىلسا، ۋىرۇس مىكروسوفت شىركىتى 2009-يىلى 6-ئايدا تولۇقلاپ قاچىلىغان مەزكۇر يۇمتالنىڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن پايدىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ، د ئۇ ق كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق ھۇجۇمغا دۇچ كېلىشى ئەمەس.
توربۇزارلار ئۆتكەن يىلى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىقى مەزگىلىدە بىر قېتىم د ئۇ ق تورىغا ھۇجۇم قىلىپ، تور بېكىتىنى بىر مەزگىل پالەچ قىلىپ قويغان.
كوستىن رائىئونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر تور ھۇجۇمى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا، جاسۇسلۇق ۋىرۇسى قارشى تەرەپنىڭ كومپيۇتېرىدىن سۈڭگۈچ ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى شەخسى ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاپ سىرتتىكى مۇلازىمېتىرغا يوللايدىكەن.