بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكىدا چاقىرىلغان تۇنجى زور كۆلەملىك يىغىلىشلارنىڭ بىرىدۇر. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، پەيشەنبە كۈنى قۇرۇلتاينىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس بىناسىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇخبىرىمىزغا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا "شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك نىگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلىدىغانلىقى ۋە ۋەكىللەرنىڭ پىكىرى ئېلىنىدىغانلىقى،" نى بىلدۈردى.
قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن، شۇ كۆنى ۋەكىللەر خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، كۈچ كۆرسەتكەن ئىدى. قۇرۇلتاي يەكشەنبە كۈنىگە قەدەر داۋام قىلىشى ۋە قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا ئاخبارات ئېلان قىلىشى مۇمكىن. ئاڭلىتىشىمىز داۋامىدا قۇرۇلتاينىڭ بۈگۈنكى كۈنتەرتىپىگە ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلاردا بولىمىز.