خىتايدىكى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا چاقىردى

خىتايدىكى سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي، خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا چاقىردى.

ئەي ۋېيۋېي خىتايدىكى داڭلىق شائىر ئەي چىڭنىڭ ئوغلى ۋە خىتايدا تونۇلغان مودېرنىزمچى سەنئەتكار. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئەي ۋېيۋېي مۇنداق دېگەن: "كامېرۇن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادەملەرنى پەقەت ئوخشىمايدىغان پىكىردە بولغانلىقى ئۈچۈنلا قولغا ئېلىش ياكى يوقىتىۋېتىشىنى توختىتىشقا چاقىرىشى كېرەك. كامورون چوقۇم، ئەگەر خىتاي بۇ قىلىقىنى ئۆزگەرتمىسە، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ خىتاينى مەدەنىيەتلىك دۆلەت، دەپ تونۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى كېرەك."

كامىروننىڭ، بۇ يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغۇچى ليۇ شاۋبو مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھالبۇكى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىدىن بۇرۇن خىتايغا كەپ بولغان ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى ۋىنسى كابلې ب ب س رادىئوسىغا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە "خىتايغا دەرس ئۆتۈش" شەكلىدە مۇئامىلە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.