دەۋاگەر ئايگۈل توختى مارالبېشى قاماقخانىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلدى

ئۆتكەن ھەپتە خىتاينىڭ مارالبېشىدىكى ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن بېيجىڭدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئەرزدار ئايگۈل توختى، ئۈچ كۈندىن بۇيان مارالبېشى قاماقخانىسىدا ئاچلىق ئېلان قىلغان.

ئايگۈل توختىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشىچە، ئايگۈل توختى 3 كۈندىن بېرى ئۆزىگە سۇنۇلغان ھەرقانداق تاماقنى، يېمەك-ئىچمەكنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ساقچىلارنىڭ ھەرقانداق سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ئۇ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بېيجىڭدىن ئالداپ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى، ھەقسىز قاماققا سولىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. مۇخبىرىمىز بۈگۈن ئايگۈل توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مارالبېشىغا تېلېفون قىلغىنىدا دائىرىلەر بۇ تېمىدا مەلۇمات بېرىشنى قەتئىي رەت قىلدى.

ئايگۈل توختى بىرقانچە ئاينىڭ ئالدىدا، بېيجىڭدا ئەرزدارلارنىڭ چېدىرىنى بۇزغىلى كەلگەن بېيجىڭ ساقچىلىرىدىن بىرىنى بىر تەستەك ئۇرغان. ئۇ يەنە ئۆتكەن ئايدا مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئالدىدىكى ماجىرادىمۇ تۇتقۇن قىلىنىپ، بېيجىڭدا 7 كۈن قاماقتا ياتقان.

ئايگۈل توختى يەنە ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئىمىرباقىنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدىنى توسقانلىقى ئۈچۈن، بورتالادا 10 كۈن قاماقتا ياتقان. بۇ قېتىمقىسى ئايگۈل توختىنىڭ يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئاز دېگەندە 5-قېتىم قاماقتا يېتىشىدۇر.