Facebook ئىجتىمائىي ئالاقە قانىلى خىتايدا توسۇۋېتىلگەن بولۇپ، مارك زۇكېربېرگنىڭ بۇ نۆۋەت خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى، "Facebook خىتاي بازىرىغا كىرىشى مۇمكىن" دېگەندەك پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، زۇكېربېرگ BaiDu تورنىڭ باش دىرېكتورى روبىن لى بىلەن بىرگە تاماق يېگەن ۋە دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدىكى تىبەت بۇتخانىسىنى زىيارەت قىلغان.
500 مىليوندىن ئارتۇق ئابۇنتى بار بولغان Facebook دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالاقە تورلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالماقتا.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مەزكۇر تورنىڭ قۇرغۇچىسى زۇكېربېرگنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى خىتاي دائىرىلىرىنى بىئارام قىلغان.