مانىلا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ دۆلەتلىك ئىستىخبارات مۇدىرىيىتى دىرېكتورى جەيمىس كلىپپېر پەيشەنبە كۈنى فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالبېرت روسارىئو بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەندە بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن.
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى فىلىپپىن بىلەن ھەربىي ئاخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە جەنۇبىي فىلىپپىن دېڭىزىنى كۆزىتىش ئۇچۇرلىرىدا ئورتاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دەپ كۆرسەتكەن.
خىتايلار جەنۇبىي دېڭىز دەپ ئاتايدىغان بۇ دېڭىزنى فىلىپپىن دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە قارار چىقىرىپ «جەنۇبىي فىلىپپىن دېڭىزى» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مۇدىرىيىتى دىرېكتورى كلىپپېر: بىز فىلىپپىنغا بار كۈچىمىز بىلەن ياردەم قىلىمىز، دەپ ۋەدە بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىممۇ پەيشەنبە كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىشى يىغىندا: بىز فىلىپپىننىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ياردەم بېرىش ئىرادىسىگە كەلدۇق ۋە بۇنى قەتئىي ئىجرا قىلىمىز، دېگەن ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى ۋەدىسى، جەنۇبىي دېڭىزدا ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھەربىي ئەسلىھە جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى.