فىلىپپىن ۋە ۋيېتنام خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى شەھەر قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى

فىلىپپىن ۋە ۋيېتنام 24-ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆز ئالدىغا سەنشا نامىدا شەھەر قۇرۇپ، فىلىپپىن ھەم ۋيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.07.24

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق خېتى تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋيېتنام تاشقى ئىشلار باياناتچىسىمۇ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ۋيېتنامغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە سەنشا شەھىرىنى قۇرۇپ ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 24-ئىيۇل كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى خىتايلار يۇڭشىن دەپ ئاتايدىغان ئارالدا سەنشا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئارالدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىدىن نارازى بولغان فىلىپپىننىڭ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ، ئامېرىكىدىن 40 دانە يېڭى تىپتىكى ئايروپىلان سېتىۋالغانلىقى بايان قىلىنىپ، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.