ئامېرىكا خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى گاۋ جىشېڭ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىدۇ
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.02.11
2012.02.11
گاۋ جىشېڭ خىتايدىكى ئۆكتىچى ئادۋوكاتلارنىڭ بىر بولۇپ، 2006 - يىلى 3 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋە بەش يىل تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇلغان.
ئەمما، ئۇ 2010 - يىلى مارتتا تۇيۇقسىز غايىپ بولۇپ كەتكەن ۋە بىر مەزگىل پەيدا بولۇپ مۇخبىرلارغا ئۆزى يولۇققان مۇئامىلىلەرنى سۆزلەپ بېرىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە يوقاپ كەتكەن.
بۇ يىل ئۇنىڭ ئاقسۇ شايادىكى بىر تۈرمىگە قامالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2011 - يىلى دېكابىر قايتا قارار چىقىرىپ، گاۋغا بېرىلگەن 3 يىللىق قاماق جازاسىنىڭ قايتا ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى باياناتىدا گاۋ جىشېڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14 - كۈنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدۇ. تۈنۈگۈن ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى كۈتۈۋېلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن ئىدى.