«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش 3-لىنىيىسى» دە قۇرۇلۇش باشلانغان
2012.10.19
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدىن باشلىنىپ، خىتاينىڭ گەنسۇ، نىڭشا قاتارلىق 10 ئۆلكە-ئاپتونوم رايونىنى بېسىپ ئۆتىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7378 كىلومېتىر بولۇپ، ئاخىرقى مەنزىلى فۇجوغا يېتىپ بارىدۇ. مەزكۇر قۇرۇلۇشقا خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار مەبلەغ سالغان. 20 مىليارد دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2015-يىلدىن بۇرۇن پۈتۈپ چىقىشى پىلانلانغان.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا يولى يىلدا 30 مىليارد كۇب مېتىر گاز يۆتكەش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر تۇرۇبا يولى پۈتۈپ چىقىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىن سېتىۋېلىنىدىغان 25 مىليارد كۇب مېتىرى گاز ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن قېزىلىدىغان 5 مىليارد كۇب مېتىر گاز، مۇشۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئىچكى ئۆلكىلەرگە يەتكۈزۈلىدىكەن.
«غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى» نىڭ 1-لىنىيىسى 2004-يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشكەن. مەزكۇر لىنىيە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈن ناھىيىسىدىن باشلىنىپ، شاڭخەيگە تۇتاشقان. 2-لىنىيىسى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىن گۇاڭدۇڭغا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى.
بىراق مەزكۇر گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇش، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە مۇھىتنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار پايدا يەتكۈزمەيلا قالماي، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيىتى ۋە مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
خىتاي دۆلەت كابىنېتى گاز تۇرۇبا يولىنىڭ 3-لىنىيىسى قۇرۇلۇشىنى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا تەستىقلىغان. مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ 52% مەبلىغىنى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى سالغان. قالغان قىسمىنى «باۋئەن» پولات تۆمۈر گۇرۇھى بىلەن خىتاي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى ئۈستىگە ئالغان.