تاشقى سىياسەت ژۇرنىلىدا غەيرەت نىياز تونۇشتۇرۇلدى
2012.10.04
«نامسىز قەھرىمانلار» دەپ ئىسىم قويۇلغان بۇ ماقالىدە غەيرەت نىياز بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى ئوخشىمىغان رايون ۋە مىللەتلەردىن بولۇپ، جەمئىي 12 كىشى تونۇشتۇرۇلغان. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
ئادالەتسىزلىككە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر قىسىم قەھرىمانلار دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تولىمۇ ناتونۇش. ئەمما بۇ، ئۇلارنىڭ تونۇلۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ. تۆۋەندىكىلىرى مانا بۇ كىشىلەر ئىچىدىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىرىدۇر.
ماقالىدە غەيرەت نىيازنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تونۇلغان تور بېكەتلەردىن ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ تەھرىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا داڭلىق تور بەت قۇرغۇچىلىرىدىن دىلشات پەرھات، نۇرئەلى، نىجات ئازادلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئېلى سوت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىدە ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئېرىتىرىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى غەيرەت نىياز بىلەن تەقدىرداش كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئىش ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان.