غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى

ئامېرىكا ۋە مىسىر ئەمەلدارلىرى چارشەنبە كۈنى غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىسىردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.21

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد كامىل ئەمر كېلىشىمنىڭ شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 9 دا رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كلىنتون خانىم ئىسرائىلىيىدىكى زىيارىتى ئاياغلاشتۇرۇپ، مىسراغا كەلگەن ۋە مىسىر پرېزىدېنتى مورسى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

كلىنتون خانىم: بۇ رايوندىكى كىشىلەر قورقۇش ۋە زوراۋانلىقتىن مۇستەسنا ياشاشقا ھەقلىق، دېدى.

غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى توقۇنۇش8 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.