خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھىرىدە نەچچە يۈز دېھقان يەر داۋاسى سەۋەبلىك نامايىش قىلىپ، ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى لۇفېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئالدىنقى كۈنى لۇفېڭ شەھىرىگە قاراشلىق ۋۇكەن يېزىسىدىكى دېھقانلار يەر داۋاسى سەۋەبلىك نامايىش قىلغان ۋە نامايىش ناھايىتى تېزلا دېھقانلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، 50 دەك دېھقان يېزا كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ رازىلىقىسىز ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى ساتقانلىقىغا نارازى بولۇپ، چارشەنبە كۈنى لۇفېڭ شەھىرىدە نامايىش قىلغانلىقى ۋە نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقى ۋە نامايىشچىلارنىڭ كۆپىيىپ، 200 گە يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

لۇفېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، دېھقانلارنىڭ لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلىغانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ ۋۇكەن سانائەت باغچىسىدىكى بىنا، ئەسلىھەلەرنى ئۇرۇپ چاققانلىقىنى ۋە يوللارغا توسۇق قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بەزى يەرلىك ئاھالىلەر بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا، نامايىشچىلارنىڭ ساقچى پونكىتىنى قورشىۋېلىپ، ساقچىلارنى سىرتقا چىقىشتىن توسۇغانلىقى ۋە بۇنىڭ توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، نامايىشچىلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 3 نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق لۇفېڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا، ئون نەچچە ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 6 ساقچى ئاپتوموبىلىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يەرلىكلەر يەنە، 100 دىن ئارتۇق يېزا پۇقراسىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ساقچى پونكىتى ئالدىدا يەنە نامايىش قىلىپ، قولغا ئېلىنغانلىقىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.