خىتاي شياۋگۇەن ۋەقەسى جاۋابكارلىرىغا ھۆكۈم ئېلان قىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن، شياۋگۇەندە يۈز بەرگەن 'يىگىرمە ئالتىنچى ئىيۇن ۋەقەسى' جاۋابكارلىرىنىڭ بىرىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىرىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى، يەنە 9 كىشىگە 5 يىللىقتىن 8 يىللىققىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى سوت ھۆكمىدە 'ماجىراغا ئارىلاشتى' دەپ قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان يەنە ئۈچ ئۇيغۇر بار.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شياۋگۇەن ۋەقەسى يۈز بېرىپ 10 كۈندىن كېيىن، 7‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتنىڭ شياۋگۇەن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىغا نارازى بولۇپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشنى باستۇردى ۋە بۇ ۋەقەدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، 400 دىن ئارتۇق ئادەم تۇتۇلدى دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شياۋگۇەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، 2009‏ - يىل 6‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى كېچە سائەت 23 تە، 'شۈرى' شىركىتىدىكى پراكتىكانت قىز خۇاڭ xx ياتىقىغا قايتىۋاتقاندا، 'شۈرى' زاۋۇتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىشچىسى ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان. بۇنى كۆرگەن شاۋ جەنخۇا باشقىلارنى قۇترىتىپ جېدەل چىقارغان، دەپ جاكارلىغان ۋە 6‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنى قۇتراتقۇلۇق قىلىپ ئادەم توپلاپ، شۈرى ئويۇنچۇق زاۋۇتىنىڭ ھاشىمجان ئەمەت، سادىقجان غازىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇيغۇر ئىشچىسىنى پولات تۇرۇبا بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋە داۋالاش خادىملىرىغا توسقۇنلۇق قىلغان باش جىنايەتچى شياۋ جەنخۇاغا ئۆلۈم جازاسى، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ بېكىتىلگەن شۈ چىلياڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

شياۋگۇەن شەھىرى ۋۇجاڭ رايونلۇق سوت مەھكىمىسىمۇ، يىگىرمە ئالتىنچى ئىيۇن كۈنىدىكى ماجىراغا ئارىلاشقان لۇ شياۋچاڭ، لياۋ يۇجۈن، چېن يىيۇ ۋە يارمەمەت ئىسمائىل، ئوسمانجان ئوبۇل، يۈسۈپجان تۇردىدىن ئىبارەت 6 كىشىگە 5 يىللىقتىن 8 يىللىققىچە قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت