ئەرىك ھولدېر گۇەنتانامو مەھبۇسلىرى ھەققىدىكى دەسلەپكى قارارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

26 - ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدېر گۇەنتانامودىن ئالدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بىر قىسىم مەھبۇسلار مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

26 - ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرى ئەرىك ھولدېر گۇەنتانامودىن ئالدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بىر قىسىم مەھبۇسلار مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى قارارنىڭ ئۇزۇنغا قالماي ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەرك ھولدېر بۇ سۆزلەرنى لوندون سەپىرىدە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەن بولۇپ، خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ھولدېر ئەپەندى بۇ ھەقتىكى تۇنجى قەدەمنىڭ گۇەنتانامودىكى قانچە نەپەر مەھبۇسنى ئالدىن قويۇپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەرك ھولدېر مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ گۇەنتانامودىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان.

ھالبۇكى، ئالدىنقى ھەپتە گۇەنتانامو مەسىلىسىدىن تولۇق خەۋەردار ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، بەلكىم گۇەنتانامودىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، ئۆتكەنكى بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا يەرگە يۆتكەش ئالدىدىكى قايتا سۆزلىشىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان.

گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى بىر قىسىم كونسېرۋاتىپ ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى بۇ خىلدىكى پىكىرگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە.