'قانۇننىڭ سىرتىدا: گۈەنتانامو ھېكايىلىرى' فىلىمى ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ

گۈەنتانامو ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم "قانۇننىڭ سىرتىدا: گۈەنتانامو ھېكايىلىرى" نى ئامېرىكىدا كۆرسىتىش 4 - نويابىر باشلىنىدۇ. مەزكۇر فىلىمنى ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى ئەندىي ۋورتىڭتون ۋە رېژىسسور پوللىي نەش بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، فىلىم بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئەنگىلىيىدە تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ئەندىي ۋورتىڭتوننىڭ رادىئومىزغا يوللىغان مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر فىلىم ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى، ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلار، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون (كولومبىيە رايونى)، ۋە سان فرانسىسكو شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلاردا كۆرسىتىلىدىكەن.

مەزكۇر فىلىم گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلار، ئەنگىلىيىلىك، ئامېرىكىلىق بىر قىسىم ئادۋوكاتلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت ۋە زىيارەت خاتىرىلىرىگە ئاساسەن ئىشلەنگەن.

فىلىمدە، بوش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرى ۋە خەلقئارا ئۆلچەملەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۇتقۇنلارنى ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن قانداق يىغىپ كەلگەنلىكى ھەمدە مەھبۇسلارنىڭ گۈەنتانامودىكى كەچمىشلىرى سۆزلىنىدۇ.

ئەندىي ۋورتىڭتون ئەنگىلىيىلىك مۇستەقىل يازغۇچى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى "گۈەنتانامو ھۆججەتلىرى" ناملىق كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ كىتابىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ خېلى كوپ مەزمۇنلار بار.

ئاپتور ئىلگىرى، گۈەنتانامو ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇ يەردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ھەققىدە كۆپ قېتىم ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى تېزرەك ئەركىنلىكتىن بەھرىمان قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان ئىدى.