گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىن

يەتتە يىلدىن بېرى، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامودىكى ھەربىي تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلار دۇشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ ئاقلانغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، ئەمما تۇترۇقسىز پاكىتلار بىلەن ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ۋاشىنگتون رايونىغا قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە 17 نەپەر ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس دەپ بېكىتكەن ھەمدە ھېچقانداق دۆلەت مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلمىغان شارائىتتىمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.

7 - ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋاشىنگتون كولومبىيە رايونلۇق سوتتا گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلاردىن بەش نەپىرىنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە سوت ئېچىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى يەنە قالغان 12 نەپەر ئۇيغۇرنىمۇ قويۇپ بېرىلىدىغانلار قاتارىدا ئويلىشىش ھەققىدە رايونلۇق باش سوتچى رىچارد ئۇربىنا ئەپەندىگە ماتېرىيال يوللىغان.

ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىگە ئەسلى 22 ئۇيغۇر قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەش نەپەر ئۇيغۇر 2006 - يىلى ئاقلىنىپ ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن ئىدى.