باراك ئوباما گوگۇل شىركىتىگە قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىن خاتىرجەمسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتايدىن بۇ ھەقتە جاۋاب تەلەپ قىلدى

ئاقساراينىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گوگۇل شىركىتىگە قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىدىن خاتىرجەمسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خىتايدىن بۇ ھەقتە جاۋاب تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.01.23

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا - خىتاي دىپلوماتلىرى خىتايدا گوگۇلغا قارىتىلغان چەكلەش ۋە ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مەيدانغا چىققان.

ئۆتكەن ھەپتە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت ئىزدەش ماتورى شىركىتى – گۇگۇل، خىتايدا گۇگۇل ئابۇنىچىلىرى، بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئېلخەتلىرىنىڭ خىتايدا دائىم خاككېرلار تەرىپىدىن ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گۇگۇل باياناتىدا، ئەگەر خىتايدا بۇ خىل ئەھۋاللار يەنە داۋاملاشسا خىتايدىكى سودىسىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان ئاقساراي ياردەمچى باياناتچىسى بىل بۇرتون: " پرېزىدېنت ئېيتقاندەك ئۇ گۇگۇل خىتايدا يولۇققان ئىنتېرنېت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسىدىن داۋاملىق خاتىرجەمسىزلەنمەكتە. تاشىقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم ئالدىنقى كۈنى ئېيتقاندەك، بىز ھەممىمىز خىتاينىڭ بۇلارغا جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز" دېدى.

گۇگۇل مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە مۇئەييەن دەرىجىدە جىددىيلىك كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى.

 ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتون خانىم پەيشەنبە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىنى گۇگۇل ۋە باشقا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈشكە قىستىغان. ھالبۇكى خىتاي دائىرىلىرى كلىنتون خانىمنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.