خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار ئاپتوموبىللارنى چاققان ۋە كۆيدۈرگەن، يۈك ماشىنىلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، شەھەرنىڭ ئاساسلىق قاتناش ئېغىزلىرىغا توسۇق قۇرغان.
خەۋەردە توقۇنۇشنىڭ پەيشەنبە كۈنى كېچىچە ۋە جۈمە كۈنى سەھەرگە قەدەر داۋام قىلغانلىقى ۋە 10 دەك ساقچى ھەم بىر ئايال ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نامايىشنى شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمىنىڭ خاتا يەرگە ۋېلىسىپىت توختاتقان بىر ئايالنىڭ ۋېلىسىپىتىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئايالنىڭ ئۆزىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى خىتايدا پۇقرالار ئەڭ نەپرەتلىنىدىغان كىشىلەر. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا ئۆلكە-شەھەرلىرىدە يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ئاممىۋى توقۇنۇشلارنىڭ ئاز بولمىغان قىسمىنى شەھەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خاھىش ئېغىر.
بۇ يىل7-ئايدا خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەردە شەھەر باشقۇرغۇچىلىرى بىر سەييارە ساتقۇچىنى ئۇرۇپ، نەچچە يۈز كىشىلىك نارازىلىق نامايىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى.