ئۇچتۇرپاندىكى بىر ھاراق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى بىر قىزىل ھاراق زاۋۇتىدا جۈمە كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پارتلاش جۈمە كۈنى كەچ سائەت 6:30 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، پارتلاش خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قاراشلىق «تۆمۈر چوققىسى»، ناملىق قىزىل ھاراق زاۋۇتىدا كۆرۈلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.12

خەۋەردە، پارتلاشنىڭ ئوت كېتىپ كېلىپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەدە ئۆلگەن ئىككى كىشىنىڭ كىملىكى، مىللەت تەۋەلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق ئوت ئاپىتى كېچە سائەت 8:00 ‏گىچە ئۆچۈرۈپ بولۇنمىغان.

قىزىل ھاراق زاۋۇتىدىكى پارتلاش، يېقىندا گۇمانلىق ئىككى ئۇيغۇر ياشنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چاسامەسچىت يېزىسى، كۆككۆۋرۈك، دېگەن يېرىدىكى خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم بۇ رايونغا بۇرالغان بىر پەيتتە يۈز بەرگەن.

بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇچتۇرپان «تۆمۈر چوققا» قىزىل ھاراق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ۋە پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان. خەۋەردە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.