ببس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون خانىم پولشادا، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان قىلغان سۆزىدە "يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسان ھوقۇقىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى" غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ ئىسمىنى ئاتىغان دۆلەتلەر ئىچىدە خىتايمۇ بار.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئىلھام ئېلىيېف ھىلارى كلىنتوندىن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئارىسىدا 1990 - يىلىدىن بۇيان ھەل بولماي كېلىۋاتقان تاغلىق قارا باغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ھىلارى كلىنتون تاغلىق قارا باغ توقۇنۇشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ھىلارى خانىم ئەزەربەيجانغا كېلىشتىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بىلەن پولشا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پولشادا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى پىلانىغا ئائىت كېلىشىم تۈزگەن ئىدى.