خىلارى كلىنتوننىڭ ھىندىستان سەپىرى باشلاندى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خىلارى كلىنتون خىتايدىكى ئامېرىكا - خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيە سۆھبەت پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ھىندىستانغا يېتىپ كەلدى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كلىنتون خانىمنىڭ بۇ قېتىمقى ھىندىستان زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ھىندىستاننىڭ ئىراننىڭ نېفىتىگە بولغان باغلىنىشىنى قىسقارتىش ئىكەن. چۈنكى، ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى ئاشقان بولۇپ، ئىران ھىندىستاننى نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى مۇھىم دۆلەتكە ئايلانغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012-05-06
Share

ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگوسىغا تەنقىدىي مەيداندا بولغان ئىدى. ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى سەۋەبىدىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىراندىن نېفىت سېتىۋالغان دۆلەتلەرگە بېسىم كۆرسەتكەن ئىدى.

خىلارى كىلىنتون ئالدى بىلەن كالكۇتاغا كەلگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن رەسمىي سۆھبەتلىشىدىكەن. كىلىنتون ھىندىستانغا كېلىشتىن ئىلگىرى بېنگالنى زىيارەت قىلغان ھەمدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى مۇھەممەد يۇنۇس بىلەن ئۇچراشقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت