ھىندىستان، شەرقىي شىمال تېررىتورىيىسىدە مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان گۆرخالار بىلەن ئاپتونومىيە ھەققىدە كېلىشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ يېڭى دېھلىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسى، يىللاردىن بېرى رايوندا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان گۆرخا مىللىتى بىلەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى ئۈستىدە كېلىشكەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.07.18

كېلىشىم، غەربىي بېنگال ئۆلكىسىنىڭ يېڭى سايلانغان ھۆكۈمىتى بىلەن، گۆرخا خەلق ئازادلىق فرونتى ناملىق تەشكىلات ئارىسىدا بۈگۈن يەنى دۈشەنبە كۈنى ئىمزالانغان. ئەمما كېلىشىم گۆرخا مىللەتچىلىرى ئارىسىدىكى زور بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.

رەت قىلغۇچىلار، مەزكۇر كېلىشىمگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆز تەرەپدارلىرىنى 48 سائەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلىشقا چاقىرغان. كېلىشىمگە ئىمزا قويغان گۆرخا رەھبەرلىرىدىن روشان گىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيىگە كېلىشكەن بولسىمۇ، ئەمما مۇستەقىللىق غايىسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ۋە ئاپتونومىيىنى مۇستەقىللىق يېتىش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى بىر باسقۇچ سۈپىتىدە تاللىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ ئاندرا پرادىش، مادھىيا پرادىش ۋە ماھاراستىرا قاتارلىق ئۆلكىلىرى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنى خالايدۇ. گۆرخالار ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشاۋاتقان ۋە ئېتنىك جەھەتتىن نېپاللىقلارغا يېقىن بولغان بىر مىللەت بولۇپ، ئۇلار 1980-يىللاردىن باشلاپ، مۇستەقىللىق كۈرىشى باشلىغان.

شۇ يىللاردىكى بىر قېتىملىق شىددەتلىك قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىدە 1200 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلگەن. خەۋەرلەردە ھىندىستاننىڭ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، گۆرخا مۇستەقىلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغانلىقى ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى قىسمەن قوبۇل قىلغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.