ھۆججەتلىك فىلىم-«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالغان

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم -«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا پەيدا بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا ئۆيمۇئۆي ئاختۇرۇشقا باشلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆججەتلىك فىلىم پلاستىنكىسى 10-فېۋرالنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدا بايقالغان.

«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» 2009-يىلى دېكابىردىن باشلاپ 30 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق فىلىم فېستىۋالىغا قويۇلغان ۋە مەزكۇر فىلىم كۆرسىتىلگەن فېستىۋاللار خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.

مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ بىردىنلا ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تارقىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن.

دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى دۇكان ۋە ئۇيغۇر ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

«مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى» نىڭ 2009-يىلى مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا تۇنجى قېتىم قويۇلۇشى ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى بىر مەزگىل يىرىكلەشتۈرگەن ئىدى.