خوڭكوڭلۇقلار خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا باشلىماقچى بولغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» گە نارازىلىق بىلدۈردى

شەنبە كۈنى مىڭلىغان خوڭكوڭلۇق نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا باشلىماقچى بولغان «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» دەرسىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.


مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر خوڭكوڭدىكى بەزى مەكتەپلەرنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» دەرسىنى ئىختىيارى ئوقۇتسا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما مەزكۇر دەرسلىكىنىڭ 2016 - يىلىدىن باشلاپ مەجبۇرىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى قارار قىلغان. بۇ نۇرغۇنلىغان خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

شەنبە كۈندىكى نامايىشقا ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا - ئانىلار بولۇپ 40 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار خوڭكوڭ رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خوڭكوڭدا يولغا قويۇلىدىغان ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» گە قارشى بۇ يىل ئىيۇلدا 90 مىڭ كىشىلىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

يەرلىك ئاخباراتلارنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، خوڭكوڭدىكى كۆپىنچە مەكتەپلەر بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى» دەرسلىكىنى تەسىس قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.