ئىچكى موڭغۇلدا يەنە نامايىش يۈز بەردى

مەركىزى نيۇ يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننۇر بازىرىدا موڭغۇل چارۋىچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يەنە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.06.30

لېكىن جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باياننۇرغا ئامانلىق كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 24‏-ئىيۇن يۈز بەرگەن نامايىشنى مەزكۇر بازاردىكى قوغۇشۇن كېنىنىڭ زەھەرلىك ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماي، مۇھىت ۋە يايلاقنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىشى، چارۋا ماللارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «چارۋىچىلار يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە قايتا-قايتا ئەرز سۇنۇپ، قوغۇشۇن كېنىنىڭ مۇھىت ۋە سالامەتلىككە سېلىۋاتقان خەۋپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەردىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، 24‏-ئىيۇن نامايىش قىلىپ، قوغۇشۇن كېنىنىڭ سۇ تۇرۇبىسىنى تاقىۋالغان.»

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 25‏-ئىيۇن 50 كىشىلىك ئامانلىق ساقچى ئەترىتى ئەۋەتىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرغانلىقى ۋە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.