كونا شەھەر ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلدى

11 - ئاپرېل شەنبە كۈنى قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان.

قەشقەر ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر ياشلار كونا شەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق 5 يېزىدىن كەلگەن ئىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر ياشلارنىڭ گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ دوڭگۇئەن ناھىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە قانچە نەپەر ئوغۇل ياكى قىزىنىڭ بارلىقى كۆرسىتەلمىگەن.

يەرلىك خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلىدىن بۇيان "ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش" نامىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئاساس قىلغان ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن بۇ بالىلارنىڭ ھەر خىل ناھەقچىلىكلەرگە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە يولۇقۇۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ مەيدانغا كەلگەن ئىدى.