ئىككى كورىيە بىرلىشىشكە قاراپ قەدەم ئالسا خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.19
2013.01.19
دوكلات بىر ئاي ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، جامائەتكەن ئانچە كۆپ تونۇشتۇرۇلمىغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە نەقىل قىلىشىچە، بىر قىسىم كورىيە ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر شىمالىي كورېيەدە بىرلىشىپ كېتىشكە ئىنتىلىش خاھىشى بارغانچە كۈچىيىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى كورېيەنىڭ بىرلىشىشىنى توسۇشىدا ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ بىرى خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنى ئۆز تەسىر دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش؛ يەنە بىرى ھەر ئىككى كورېيەنىڭ خىتاينىڭ تارىخىي زېمىنى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ، ئىككى كورېيەنى قولغا چۈشۈرۈش قەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.
ھالبۇكى، خەۋەرلەردە دوكلاتنىڭ قانداق مەقسەتتە تەييارلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.