ئىلھام توختى: «ئۇيغۇرلارنىڭ نامراتلىقىدىكى نېگىزلىك سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقسىز قالدۇرۇلغانلىقى»

بۈگۈن 18-يانۋار كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 2003-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان مەزگىلدىكى خىتاي جەمئىيىتىدىكى بايلىق تەقسىماتى ۋە پۇقرالارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىدىكى پەرق نىسبىتىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلاردا 2008-يىلى خىتايدىكى بايلىق تەقسىماتىدىكى پەرق نىسبىتىنىڭ 0.491 بولغانلىقىنى، ئۇندىن كېيىنكى يىللاردا بولسا بارغانچە تۆۋەنلەپ، 2012-يىلى 0.474 كە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدە بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، دوكلاتتا ئاپتونوم رايونى ھەققىدىكى ئېنىق سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىلەن رايوندىكى باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي پەرقىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقى ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپ تۆۋەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ساھىبى،مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى، رادىئومىز مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ خىتايدا ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەن بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار رايوندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، نامراتلىشىشقا يۈزلەندى. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نامرات قېلىشىدىكى نېگىزلىك سەۋەب ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقسىز قالدۇرۇلغانلىقىدا دەپ قارايمەن.» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.