ئىلھام توختى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە سۆز -ھەرىكەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
2012.03.13
رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىككى يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى بېيجىڭ ساقچىلىرى ھەم دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنى يىغىن مەزگىلىدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇندىن باشقا ئىلھام توختى بىلەن مۇناسىۋىتى بىرقەدەر يېقىن بولغان، بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ھەم بىر قىسىم ياشلار خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىلھام توختى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ھەم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە بىلدۈرگەن قاراشلىرى سەۋەبلىك، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سەزگۈر شەخس سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئىدى. 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا دائىرىلەر تەرىپىدىن ۋەقەدە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، بىرنەچچە قېتىم نەزەربەند قىلىنغان ئىدى.