ئىلھام توختى، ئەگەر ھۆكۈمەت سىياسىتىنى تەرتىپكە سالمىسا، ئۆچمەنلىكنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى، توقۇنۇشنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىلھام توختى جۈمە كۈنى رادىئومىز گۇاڭدۇڭ تىلى بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئاگاھلاندۇرۇپ، "چۈنكى ئۆچمەنلىك يىغىلىپ قالغانلىقتىن، مېنىڭچە ھازىر پارتلاش چېكىگە بېرىپ قالدى. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تاشقى دۇنيا بىلمەيدۇ. بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر ئوخشاش ئەمەس. بۇنداق بىر پەيتتە،خەنزۇلارنىڭ زور كۆلەملىك نامايىشى يۈز بەردى.
ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئۆتكەنكى باستۇرۇشقا ئوخشىماي قالدى. گەرچە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇئامىلە دەرىجىسى ئوخشىمايتتى. مەن كۆڭلۈمدە ناھايىتى ئەندىشە قىلۋاتىمەن. ئادەتتىكى ئۇرۇشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسان، لېكىن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى يۇمشىتىش ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ" دەيدۇ.
ئىلھام توختى يەنە، ئەگەر توقۇنۇش خوتەن، قەشقەر، غۇلجا، تۇرپان، ئاقسۇ، كورلا ۋە قىزىلسۇلارغا تارقالسا بۇ رايوندىكى خىتايلارنى پالاكەت باسىدىغانلىقىنى، لېكىن مەسىلە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىپا بېرىشى بىلەن تۈگىمەيدىغانلىقىنى، شۇڭا ھۆكۈمەت ھەر تەرەپلىمىلىك سىياسىتىنى تەرتىپكە سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئىلگىرى نۇر بەكرىنى "لاياقەتسىز" دەپ تەنقىدلىگەن ئىلھام توختىنى ئاشكارا ئەيىبلىگەن. دائىرىلەر ئۇنى ئائىلە نەزەربەنتىدە تۇتۇپ تۇرۇپ، يېقىندا قويۇپ بەرگەن ئىدى.