ئىران دائىرىلىرى شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بولغان مەيدانىنى جىددىي ئۆزگەرتتى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىران ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۆزىگە قويۇلغان ئىقتىسادىي ئېمبارگوغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھورمۇز دېڭىز بوغۇزىنى تاقايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىنى قارىشى ئالمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىران مەزكۇر مەيدانىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرى ھورمۇز بوغۇزىغا ئاۋىئاماتكا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىران ئىنقىلابىي قوغدىغۇچىلار قىسمى شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر بوغۇزغا پاراخوت ئەۋەتىشىنى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇش كېرەك، دېگەن.

ئىران ئوران قويۇلدۇرۇشنى توختىمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئەللىرى ئىرانغا يەنە بىر قاتار ئىقتىسادىي جازا قوللانغان ۋە 3 - يانۋار ئوباما ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىگە ئىمزا قويغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.