ئىران ئۆكتىچى داھىيسى مۇساۋى يەنە داۋاملىق ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ئۆكتىچى رەھبىرى ھۈسەيىن مۇساۋى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچىنى يەنە كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۈسەيىن مۇساۋى سۆزىدە ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي دىنىي داھىيسى ھامەينىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىش قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھامەينى دىنىي كېڭەشنىڭ يىغىنىدا قاتتىق سۆزلەپ، ئۆكتىچىلەرنى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن ھەيدەپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھۈسەيىن مۇساۋىنىڭ بۇ خىل ئىران ئالىي رەھبىرىگە قارشى مەيداندا تۇرۇشى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۆكتىچىلەرنىڭ تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە سۈرگۈندە ياشاۋاتقان سابىق ئىران پرېزىدېنتى سادىرى مۇساۋىنىڭ بۇ باياناتىغا باھا ئېلان قىلىپ، "مۇساۋىنىڭ باياناتىنىڭ ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئايرىلغانلىقى"نى كۆرسەتكەن.