ئىراندىكى توقۇنۇشتا 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، نامايىشلار داۋاملاشماقتا
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2009.06.21
2009.06.21
ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئىران چەتئەل، بولۇپمۇ غەرب جۇرنالىستلىرىنىڭ ئىرانغا بېرىپ، نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشىنى قامال قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاساسلىق ئۇچۇر پەقەت ئىران ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن كەلمەكتە.
ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنى تېررورچىلىق تەشكىلاتى بىلەن باغلىغان بولۇپ، تېھران ساقچىلىرى بىلەن تېررورچىلىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 10 ئادەم ئۆلدى، دەپ خەۋەر بەرگەن شۇنىڭدەك ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىنىڭ بىر مۇخبىرىنى 24 سائەت ئىچىدە چىقىپ كېتىشكە بۇيرىغان. ئىران ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ھۇجۇمچىلارنىڭ ئىككى ماي قاچىلاش پونكىتىنى كۆيدۈرىۋەتكەنلىكى ۋە ھەربىي نۇقتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ئىران ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، ئىران ئىچكى ئىشلار رەھبەرلىرى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مۇساۋىنى ئەيىبلەپ، ئەگەر بۇنداق قالايمىقانچىلىق چىقىۋەرسە قاتتىق چارە قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران رەھبەرلىرى غەرب دۆلەتلىرىنى ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، ب ب س ۋە ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىمۇ ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىران دائىرىلىرىنى ' خەلققە قارىتىلغان بارلىق زوراۋانلىق ۋە ئادالەتسىزلىكلەرنى توختىتىش"قا چاقىرغان.
ئىراندىكى بۇ نامايىشلار ئالدىنقى ھەپتىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئەخمەدى نىجاتنىڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قايتىدىن ئىران پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ رىقابەتچىسى مۇساۋىنىڭ بۇ سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېلىپ چىققان. نامايىش بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشماقتا. نامايىشچىلار ئىسلاھاتچىلىق پىكىردىكى مۇساۋى تەرەپدارلىرىدۇر.