ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدە بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان خىتاي پاراخودىدا 28 كىشىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى

خىتاينىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خۇاڭ لىمىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ نەنجىڭ يىراق ئوكىيان شىركىتىنىڭ شياڭ خۇامېن ناملىق پاراخودى 6 - ئاپرېل كۈنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9.30 ئەتراپىدا دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرىغان. خۇاڭ لىمىڭ ئۆز بايانىدا ھازىرغا قەدەر پاراخوتنى بۇلاپ كەتكەن دېڭىز قاراقچىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پاراخوتتىكى 28 خىتاي پۇقراسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ سودا پاراخوتلىرىنىڭ دېڭىزدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچراش، كېمىدىكى خىتاي ماتروسلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. ئەمما ئىران دېڭىز تەۋەلىكىدە خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىشى تۇنجى قېتىملىقى ئىكەن.

ئىلگىرى دېڭىزدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان خىتاي پاراخوتلىرى سومالى دېڭىز تەۋەلىكى، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دېڭىز تەۋەلىكى قاتارلىق جايلاردا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. بەزى خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان ياكى گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان خىتاي پاراخوتلىرىدا خىروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ۋە باشقا ئەتكەس ماللار بايقالغان.