ئىراقتا پارتلاش يۈزبېرىپ 30 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىراقتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن بىر مەھەل تىنچ ئۆتكەن ئىراقتا يەنە پارتلاشلار مەيدانغا كەلدى. يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىئە مۇسۇلمانلىرى رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، كوپ ساندا ئادەم ئۆلگەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنىدىكى بىر قانچە جايدا يۈزبەرگەن پارتلاشلاردا كەم دېگەندە 32 ئادەم ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.09.30


ئەڭ قاتتىق پارتلاش باغداد شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاجى دەگەن جايدا بولۇپ، ئۇچ ماشىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبا پارتلىغان 8 ئادەم ئۆلگەن 24 ئادەم يارىلانغان. پارتلاشلار ھەر خىل جايلاردا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا 90 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھۇجۇملارنىڭ سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتكە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.