خىتاي يېڭى چېگرادا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى» نى تۈزۈپ چىققان

خىتاي «رادىئو تورى» نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.02.01

بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا سىياسەت بويىچە ئىش كۆرۈشتىن قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشكە كۆچكەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ جاكارلانغان. بۇ چوڭ ئۆزگىرىشنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما مىڭچېڭ ئېلان قىلغان.

بۇ ئەرباب يېڭى تۈزۈپ چىقىلغان بۇ «چارە» نى ئىجرا قىلىشنىلا تەكىتلىگەن، ئەمما بۇ «چارى» نىڭ قانچە ماددىسى بارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئېنىق مەزمۇنى نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت تىلغان ئالمىغان.

خەۋەردە، يېڭى چېگرادا 2002-، 2005-، 2008-ۋە 2010-يىللىرى تۈزۈلگەن سىياسەت بويىچە 300 مىڭدىن ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 4% ئەتراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.

ئەمەلىيەتتە، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» دېگەن ئاتالغۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشتىنلا ئىبارەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھېچبىر سىر ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.